View this article only in English | Uyghur
Poetry From the September 2012 issue: Writing from the Silk Road
مەن ئولتۇرۇپ ئادەتلەنگەن
بىر ئاممىۋىي باغچىدىكى
دەرەخ شاخلىرىنىڭ قويۇق سايىسى ئاستىدا
كۈندۈزدىن ئاز-تولا بەھرىمان بولغاچ
ۋە سەيلە قىلغۇچىلارنىڭ يۈزىدىكى قۇياشنى
ھەمدە ئاسپىلىت يېرىقلىرىدىن چىملارنىڭ ئۈنۈشىنى كۆزەتكەچ
شېھرىزاتنىڭ ئاغزىدىن ئۈزلۈكسىز ئۆتۈۋاتقان كېچىلەرنىڭ مابەينىدە
يۈز بېرىۋاتقان قەتلە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئويلىنىۋاتقىنىمدا
ھاياتىمنىڭ قاراڭغۇ ئەينەكلىرىدىن
تەقدىرىمنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن
مەندىن رۇخسەت سوراپ
بىر پالچى ئايال ئالدىمغا كەلدى
سۈكۈت ئىچىدە
ئۇنىڭ ھېلىگەر كۆزلىرىگە تىكىلگەنچە
ئۇزۇن ۋاقىت خىيالغا پاتتىم بولغاي
قارىسام
شېھرىزاتنىڭ ئاغزىدىن ئۈزلۈكسىز ئۆتۈۋاتقان كېچىلەردەك
قەدەملىرىنى تېزلىتىپ مەندىن ئۇزاقلاشتى
بۇ قەدەملەر
گوياكى سەيلە قىلغۇچىلارنىڭ بوينىغا ئېسىلغان قوڭغۇراقلاردەك
ئاڭلانمىغۈدەك ئاۋازدا ياڭرايتتى
بۇ قەدەملەر
گوياكى چىملارنىڭ ئۈنۈشىنى قۇتلاۋاتقاندەك
ئاسپىلىت يېرىقلىرىدىن
كۆرۈنمىگۈدەك نۇرلار بىلەن پارلايتتى
شۇ چاغ
بىز كۈندۈزدىن ئاز-تولا بەھرىمان بولغاچ
كېچىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆتۈشلىرىدىن قۇياشنى كۆزەتكەچ
ھەمدە پارلاق قەدەملىرىمىزدىن چىملار ياڭرىغان ھالدا
ئاممىۋىي باغچىلاردا سەيلە قىلىۋاتقاندىن بۇيان
ھەتتاكى ئاللاھ بىلەن شەيتانمۇ بىلىشكە ئاجىزلىق قىلغان
ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىكىنى ئۇ پالچى ئايالنىڭ بىلىپ – بىلەلمەيدىغانلىقىنى
بىلىشنى خالايتتىم
2004- يىلى، كۇرتۇلۇش باغچىسى، ئەنقەرە
Exmetjan OsmanExmetjan Osman
Exmetjan Osman (b. 1964) is one of the foremost Uyghur poets of his generation. Fully bilingual in Uyghur and Arabic, he has published poetry collections in both languages to great acclaim, including My Share of the Night and In the Ruins of Sumer Where I Reside (in Arabic), and Season of the Soul and Uyghur Girl Lyric (in Uyghur). Considered the founder of the gungga (hazy) school of modernist Uyghur poetry, Exmetjan's work has been immensely influential among Uyghur poets since the mid-1980s.
Translated from UyghurUyghur by Joshua L. FreemanJoshua L. Freeman
Joshua L. Freeman's poetry translations have appeared in Gulf Coast, Crazyhorse, and Hayden's Ferry Review.
This copy is for your personal, noncommercial use only. You can order presentation-ready copies for distribution by contacting us at info@wordswithoutborders.org.